
ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئوخشاش بىر مەزگىلدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەخسىي سالاھىيەت ۋە ئىشچى-خىزمەتچى سالاھىيىتىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تەكرار تاپشۇرغان بولسا، ئىشچى-خىزمەتچى سالاھىيىتىدىكى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي ھېساباتىنى ساقلاپ قېلىپ، شۇ مەزگىلدىكى باشقا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئوخشاش بىر مەزگىلدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار كۆپ رايوندا بىردەك ئىشچى-خىزمەتچى سالاھىيىتى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ تەكرار ھەق تاپشۇرغان ياكى كۆپ رايوندا ئوخشاش شەخسىي سالاھىيەت بىلەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ تەكرار ھەق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بىر جاينىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي ھېساباتىنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاپ، باشقا ئوخشاش مەزگىلدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.
سىز دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، 12333 APP سى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەخسىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش يىل چېكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرەلەيسىز.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ