تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش! جۇڭگو كوماندىسى U 23 ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى

2026.01.21 16:41 مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2026 ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى U 23 ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم-مۇداپىئەدە ئىپادىسى قالتىس بولدى ھەم كېيىنكى يېرىم مەيداندا پېڭ شياۋ، يۈ ۋاڭ ۋە ۋاڭ يۈدۇڭنىڭ ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، 3 تە 0 نەتىجە بىلەن ۋىيېتنام كوماندىسىنى يېڭىپ، تارىختا تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى.

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك U 23 ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ