پۇتىن ترامپ تىنچلىق كومىتېتىغا ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى

2026.01.20 16:08 مەنبە: خەلق تورى

كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يېتەكچىلىكىدىكى «تىنچلىق كومىتېتى»غا ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى، بۇ كومىتېت غەززەدىكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «زۇڭتۇڭ پۇتىنمۇ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق < تىنچلىق كومىتېتى>غا ئەزا بولۇش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى.» پېسكوف مۇنداق دېدى: كىرېمىل سارىيى ھازىر بۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىۋاتىدۇ ھەمدە «ئامېرىكا تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كومىتېتقا ترامپ رەئىس بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ