
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە
كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى «تېز توڭلاش» ئەندىزىسىگە كىردى
بۇ ھەپتە (1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە)
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن ئاستا ئۆرلىدى
لېكىن قار، بوران يەنىلا «باش رولچى» بولىدۇ
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قار ياغىدىكەن
شىمالىي شىنجاڭدا بىر قېتىم رايون خاراكتېرلىك قىيپاش شەرق شامال چىقىدۇ
شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ تۇمان (قار) كۆرۈلىدۇ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ