
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 140 تىرىليون 187 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.0 ئاشقان.
كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 9 تىرىليون 334 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.9 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 49 تىرىليون 965 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %4.5 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 80 تىرىليون 887 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %5.4 ئاشقان. پەسىللەر بويىچە قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان، 2-پەسىلدە %5.2 ئاشقان، 3-پەسىلدە %4.8 ئاشقان، 4-پەسىلدە %4.5 ئاشقان. سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، 4-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.2 ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ