مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق ئومۇمىي خەلقنىڭ تىل-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ھۆججەت تارقاتتى

2026.01.20 16:13 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر تىل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تىل-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تىل-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر تىل-مەدەنىيەت ئوقۇشلۇقى ۋە ئاممىۋى ساھەلەردىكى تىل-قائىدە كۆرسەتمىلىرىنى تۈزۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسلىك ماتېرىياللىرىدىكى تىل ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئامىلىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزى يېزىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە، تەتقىقات-ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى، كۆرگەزمە قىلىش-پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردە داشۆ تىل-ئەدەبىياتى، جۇڭگو خەتتاتلىقى، رەقەملىك جۇڭگو تىل-يېزىقى، رەقەملىك ئادىمىيەت، چوڭ تىل مودېل تېخنىكىسى قاتارلىق ئاممىۋى دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ـ مەدەنىيەت ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن پەن-كەسىپ ئىقتىدارى، ئىش ئورنى كەسىپ ساپاسى ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ