
تيەنمېن شەھىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تيەنمېن شەھەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تاراتقۇلارنىڭ «ئايرىم كۆكتات سودىگەرلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش» مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە قارىتا، تيەنمېن شەھىرى تېزدىن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئىشقا چېتىشلىق تېرىقچى لو XX تېرىغان كۆكتاتنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقى، تېخى بازارغا سېلىنمىغانلىقى ئېنىقلاندى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەلگىلىمە بويىچە لو XX تېرىغان كۆكتاتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، چېتىشلىق كۆكتات ئەۋرىشكىسىنى دەلىل-ئىسپاتنى تىزىملاپ ساقلاپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ دېھقانچىلىق دورىلىرىنى سېتىش ھالقىسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېتىزدىكى ۋە ئوبوروتتىكى كۆكتاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، لاياقەتسىز كۆكتاتلارنىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە لو XXنى تەكشۈرۈشكە چاقىرتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ