
جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى
تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى ۋە مۇرەككەپلەشتى. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، ئافغانىستاندىكى تۆت قوراللىق ئۇنسۇر ئافغانىستاننىڭ باداخشان ئۆلكىسىدىن تاجىكىستاننىڭ خاتلون ئوبلاستى تەۋەسىگە قانۇنسىز كىرگەندىن كېيىن، تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىمى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنى رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرا رايونىدىن تېزدىن تەرتىپلىك چېكىنىشكە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى. جۇڭگو پۇقرالىرى تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرا رايونىغا بېرىشتىن ساقلىنىڭلار.
تاجىكىستان ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى:
ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىسى تېلېفونى: 01، باندىت تازىلاش ساقچىسى تېلېفونى: 02، جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى: 03
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى (24 سائەت):
+86-10-12308,+86-10-65612308
تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ياردەم بېرىش تېلېفونى:
+992-935710666, +922-888883999
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ