
جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش! 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2025-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ: دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2025-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرىليون 18 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، 140 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن % 5.0 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا ئۈچ يىل 13 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان؛ «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 110 تىرىليون يۈەن، 120 تىرىليون يۈەن، 130 تىرىليون يۈەن، 140 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان، «ئۇدا تۆت قېتىم سەكرەش» ئىشقا ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 5.4 لىك ئېشىش نىسبىتى بىلەن داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كاڭ يى: «بۇ خېلى قالتىس نەتىجە بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئېلاستىكلىقىنى، يېڭىلىققا، ئەلالىققا يۈزلەنگەن ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ» دېدى.
2025-يىلىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىياتقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.
«مۇقىم بولۇش» ئەندىزىسى مۇستەھكەملەندى. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقى 3 تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.
«ئىلگىرىلەش» قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەڭشىلىپ ئەلالاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى % 17.1 كە يېتىپ، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى % 50 تىن ئاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن % 3.8 ئاشتى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئەمەلىي % 5.0 ئاشتى.
«يېڭى» قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈلۈپ زورايتىلدى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنما سىجىللىقى % 2.8 كە يەتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى رەقەملىك مەھسۇلات ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن % 9.3 ئاشتى.
«ئەۋرىشىم» بولۇش ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلار ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن % 13.2 ئاشتى.
«14-بەش يىل»دىكى بۇ بەش يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر قاتار مۇھىم خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، يول بويى داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايدى.
ئىقتىسادىي ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا ئىككى يىل 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭلىق باسقۇچتا چىڭ تۇردى، ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۇدا 16 يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا مۇقىم تۇردى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئاشتى، قەدىمى تېخىمۇ پۇختا تاشلاندى. ئىجادىي تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىش-يارىتىش خىراجەت سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 10 ئاشۇرۇلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 9.2 ئاشۇرۇلدى. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ يېڭى قىياپەت نامايان قىلىنىپ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى 2020-يىلىدىكى % 16 تىن 2025-يىلىدىكى % 20 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلدى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، «14-بەش يىل» مەزگىلدە، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 5.4 ئەمەلىي ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشتى.
كاڭ يى: «< 15-بەش يىل > مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تىرەك بولىدۇ» دەپ بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ