يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ (سىياسەتكە دائىر سوئال-جاۋاب. ئىنكاسقا كۆڭۈل بۆلۈش)

2026.01.20 16:06 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز يۈ جىڭشيەن

ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر

مەن بىر كەنت كادىرى، بۇ يىللاردا كەنتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش جەھەتتە يەنە قانداق سىياسەت، تەدبىرلىرى بارلىقىنى بىلىپ باققۇم بار؟

«15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى ھەرقايسى ھالقىلار ۋە تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمى ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى ئورناتتى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا كۆپ يىل شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدىن يۇقىرى بولدى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى 2020-يىلىدىكى 2.56:1 دىن 2024-يىلىدىكى 2.34:1 گە كىچىكلىدى.

− يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يەنىلا نىسبەتەن ئارقىدا. كەلگۈسىدە قايسى قاتلاملاردا كۈچەش كېرەك؟

يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش. ..يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە؛ بەزى تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردا، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتە يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەرنى جىددىي تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تېز تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ، يۆنىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم مۇھىم سىياسەتلەر ۋە مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلايمىز.

− ئادەم كۈچى سېلىنمىسى، ماددىي كۈچ تەقسىملەش ۋە مالىيە كۈچى كاپالىتىنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇشنى قانداق قىلغاندا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتتا ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش ساھەسى قىلىشتا چىڭ تۇردى، مالىيەنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق ئىشلىرى چىقىمى 11 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %10تىن كۆپرەككە يەتتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، دىققەتنى ئاساسنى پۇختىلاش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مالىيەدىن ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش، پۇل مۇئامىلە نۇقتىلىق مايىللىشىش، جەمئىيەت پائال قاتنىشىشتەك كۆپ مەنبەلىك سېلىنما ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا-كەنت نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، دىققەتنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانلار ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ياخشى تۇتىدۇ.

− قانداق قىلغاندا سىياسەتنىڭ دەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگىلى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز باھا، ياردەم تولۇقلىمىسى، سۇغۇرتىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى. 2025 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى «سىياسەت تىزىملىكى»شەكلىدە،مەركەز مالىيەسىنىڭ ئادەمگىچە، ئائىلىلەرگىچە بولغانمۇقىم يولغا قويىدىغانتوققۇز تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرىدە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىشتىن نەپ ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ئاشلىق تۇتۇشنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى پىلان-مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باھا،ياردەم تولۇقلىمىسى، سۇغۇرتا قاتارلىق سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىق سەۋىيەنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرگە مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ