ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، ئېكولوگىيە تېخىمۇ ياخشىلاندى

جېجياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتتى («15-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى تاشلاش)

2026.01.19 16:20 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىدىن خې سۇڭ، جياڭ نەن، دوۋ خەنياڭلار خەۋىرى

جېجياڭ «15-بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالەم بوشلۇقى بويىچە ھېسابلاش يېڭى مۇسابىقە يولىدا بەسلىشىپ، ئالدىن «قەدەم ئالدى».

جېجياڭ يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى جىجياڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ «ئۈچ گەۋدىلىك ھېسابلاش يۇلتۇز تۈركۈمى» قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا، 12 ھېسابلاش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇقىم ئايلىنىش ئىزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، سۈنئىي ھەمراھ قايتۇرغان يىراقتىن ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ تۇراتتى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جىجياڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەن تنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «‹ئۈچ گەۋدىلىك ھېسابلاش يۇلتۇز تۈركۈمى› گە 8 مىليارد پارامېتىرلىق سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئورۇنلاشتۇۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ‹ئالتە سۈنئىي ھەمراھ تورىنى تەشكىللەش› ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ھەم 12 سۈنئىي ھەمراھنىڭ پۈتۈن ئوربىتىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.»

2023-يىل 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«جېجياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بىلەن ئەۋزەل بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جېجياڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادچان ئۆلكە قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، تىرىشىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.

ئەۋزەل بايلىقلار بىرىكتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى −

«ئۈچ گەۋدىلىك ھېسابلاش يۇلتۇز تۈركۈمى»نى تەتقىق قىلىپ ياساش 100 دىن ئارتۇق قاتتىق دېتال، 200 دىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال، 1 مىليون قۇرغا يېقىن كودقا چېتىلىدۇ. جىجياڭ تەجرىبىخانىسى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكى قىسىمدا پەن ھالقىغان، مەركەز ھالقىغان تارماقنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىلىم-پەن بىلەن تېخنىكا، ئۇل تەتقىقات بىلەن قۇرۇلۇشتا قوللىنىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ سىرتتىن نەچچە ئون ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى ۋە پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكىتلىرىنى ئورتاق قاتناشتۇردى.

ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى:«ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ پايدىسىدا، تۈر تۇرغۇزۇلۇپ قوزغىتىلىشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشكىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز ئايلا ۋاقىت كەتتى. 2026-يىلى، جىجياڭ تەجرىبىخانىسى سۈنئىي ھەمراھ كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە 50 تىن ئارتۇق ھېسابلاش سۈنئىي ھەمراھىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورتاق تاماملاپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قوللىنىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.»

«14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، جېجياڭ «سۇپا+ئالىي مەكتەپ+كارخانا+كەسىپ زەنجىرى» قوشماقلىشىپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۆلكىلىك تەجرىبىخانا، ئۆلكىلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرى ئالىي مەكتەپ، كارخانىلار بىلەن 125 بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى ئورتاق قۇرۇپ، 955 پەن تەتقىقات خادىمىنى ئۆزئارا تەكلىپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قول تۇتۇشۇپ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. «15-بەش يىل»غا يۈزلىنىش ئۈچۈن، جېجياڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە ھېسابلاش كۈچى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقىلدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى −

ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا، چاقلىق ماشىنا ئادەملەر تىك قىيالارغا يامىشىپ، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈشىدىكى كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ئايلاندى؛ «سۇجۇۋ شەھەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قاتارلىق مۇسابىقە مەيدانلىرىدا، ئوخشاشلا مۇشۇنداق ماشىنا ئادەملەر توپچىلارغا ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كامېرالار تارتالمىغان قالتىس كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

بۇ ماشىنا ئادەملەرنى «خاڭجوۋدىكى ئالتە كىچىك ئەجدىھا»نىڭ بىرى بولغان خاڭجوۋ يۈنشېنداۋ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، دۇنياۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ھازىرلىغان. شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ چيۇگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىشەنچىمىز يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن كەلگەن. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىدە، ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق؛ كەسىپ زەنجىرىدە، جېجياڭدىن چىقمايلا زاپچاسلارنى سېتىۋېلىش ۋە قۇراشتۇرۇشنى تاماملىدۇق، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى لايىھەلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چوڭقۇر قاتناشتۇردۇق، تۈرنى قوزغىتىشتىن بازارغا سېلىپ سېتىشقىچە يېرىم يىلمۇ ۋاقىت كەتمىدى، چەت ئەلدىكى كەسىپداشلارغا سېلىشتۇرغاندا، ۋاقىتنى ئاز دېگەندە بىر يىل قىسقارتتۇق.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ سۈنئىي ئەقىل، يېڭى ماتېرىيال، ھاياتلىق، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، «كارخانىلار سوئال چىقىرىش، ھۆكۈمەت سوئال چىقىرىشقا ياردەم بېرىش، سۇپىلاردا سوئالغا جاۋاب بېرىش، سېخلاردا سوئالنى تەكشۈرۈش، بازار باھالاش»تەك ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى، باشلامچى كارخانىلار باشلامچى بولۇپ تەشكىللىگەن يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى 53 كە يېتىپ، 377 ئورۇننىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 15 ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى. «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، جېجياڭ كەلگۈسى كەسىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆپ خىل تېخنىكا لىنىيەسى، تىپىك ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتى، ئەسقاتىدىغان سودا ئەندىزىسى، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قائىدىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ھەم كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

سودا مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى تېخىمۇ ياخشىلاندى −

گۇاڭدۇڭ فوشەندىكى مېيدى مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكا شۈندې زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۈچەيتىلمە رېئاللىق ئاقىل كۆزەينىكىنى تاقاش ئارقىلىق، ئەسۋاب پەرقلەندۈرۈش، ئۈسكۈنە ھالىتىنى ئوقۇش، سىنغا ئېلىپ ئاساس قالدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاسانلا تاماملاپ، ئۈنۈمنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

بۇ زاۋۇتنى ئاقىل زاكازلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە ئاقىل كۆزەينەك بىلەن تەمىنلىگەن كارخانا جېجياڭدىكى لىڭبەن پەن-تېخنىكا شىركىتىدۇر. شىركەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى شۈ شۈ مۇنداق دېدى:«ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشتىن تۈر بويىچە يۆلەشكىچە، ھۆكۈمەت بىزنى سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، مەھسۇلات ماكانلاشقاندىن كېيىن، يەنە بەزى تارماقلار ئىشلىتىش ئورنىنى بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋەتتى. بىز خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلاشقا تۈرتكە بولدۇق.»

جېجياڭ دىققەتنى «مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا، تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولۇش» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقات سۇپىسى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، كەسىپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنما مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: «جېجياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇختىلاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىشتا تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان جېجياڭنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلكە رايونىدا ئالدىن يولغا قويۇشتىكى روشەن بەلگىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ