يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى! 13 خىل يېمەكلىكنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ

2026.01.19 15:34 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

بىرىنچىدىن، ساختا، ناچار، ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەسىلە بار يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە ئېقىپ كىرىش؛ ئىككىنچىدىن، ساختا تەشۋىق قىلىش، ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈش، مەسىلەن، ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرنى ساغلاملىق يېمەكلىكى قىلىپ كۆرسىتىش، كېسەل داۋالاش ئىقتىدارىدىن بېشارەت بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، يېمەكلىك تۈرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۇچۇرى ھەقىقىي بولماسلىق، ئىستېمالچىلارنى خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتا خاتا يېتەكلەش قاتارلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ئەڭ گەۋدىلىك، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئۈچ چوڭ ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا: «بەلگىلىمە»دە ئىككى چوڭ يادرولۇق مەنئى قىلىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە سېتىش مەنئى قىلىنغان 13 خىل يېمەكلىك ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھايات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار قوشۇلغان يېمەكلىكلەر؛ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزم، ئېغىر مېتاللار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛ ۋاقتى ئۆتكەن، چىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، كۆكىرىپ قۇرتلاپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛ كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، گۆش تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى؛ بەلگىسى يوق، ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەر؛ دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى ئېنىق مەنئى قىلغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار. بۇ بەلگىلىمىلەر ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى مەسىلىسىگە بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى يېمەكلىكلەرگە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ