دېزىنفېكسىيە ئىشكاپىدا سۈۋەرەك پەيدا بولدىمۇ؟ ئۈرۈمچىدىكى بۇ تاللا خوگوخانىسى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلدى!

2026.01.16 15:15 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايونى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى

دۈيشىجيا شادلىق تاللا خوگوخانىسى

(داشىزى ۋەنيەنچېڭ دۇكىنى)نى

تۇيۇقسىز تەكشۈردى

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نەق مەيداندا

كۆپ تۈرلۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى بايقىدى

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ بايقىشىچە

بۇ دۇكاننىڭ خىزمەتچىلىرى ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقىمىغان

ئاشخانىدىكى توڭلىتىش ئىشكاپىنىڭ ئەمەلىي تېمپېراتۇرىسى ئاران 6- سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ

℃ 18- تىن تۆۋەن يېمەكلىك ساقلاش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن

ئىشكاپ ئىچىدىكى بىر قىسىم يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىش خەتىرى بار ئىكەن

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بىر قىسىم يېمەكلىك ماتېرىياللىرى سولياۋ يېپىپ ساقلانمىغان بولۇپ

ئاسانلا بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەنقانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ يەنە بايقىشىچە

بۇ دۇكاننىڭ دېزىنفېكسىيە ئىشكاپى كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن تولغان

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىشكاپنىڭ ئىچىدە سۈۋەرەكنىڭ ھەرىكەت ئىزى بار ئىكەن

بۇنىڭدىن باشقا

بۇ دۇكاننىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئاسما تورۇسى بۇزۇلۇپ كەتكەن

«بەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئەسلىھەلىرى كەمچىل ئىكەن

مۇكەممەل بولغان تاشلاندۇق ماي يىغىۋېلىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلمىغان

نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە بايقالغان

قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ