
2026-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى كۈنەس دەرياسى بويىدىكى سوغۇق شامال سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، دەريا سۈيى مۇزدەك سوغۇق ئىدى. تۆمۈرلۈك كەنتىدىكى 19 ياشلىق ھەزرەتئەلى ئەيساجان دوستى بىلەن كۈنەس دەرياسى بويىدىن ئاتلىق ئۆتۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن. ھەزرەتئەلى قىلچە ئىككىلەنمەي، دەرھال چاپىنىنى سېلىپ، سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان مۇزدەك سوغۇق دەريا سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىگە قاراپ ئۈزگەن. ئۇ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان جاسارىتى ۋە ياخشى سۇ ئۈزۈش ماھارىتىگە تايىنىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىققان، ئۇ قۇتقۇزۇۋالغان كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئۈن-تىنسىز ئايرىلغان. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىگىلىنىشىچە، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكىدە چوڭ چاتاق يوق ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ