تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى قانداق يارىتىش كېرەك (سىياسەتكە دائىر سوئال-جاۋاب. ئىنكاسقا كۆڭۈل بۆلۈش)

2026.01.15 14:36 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز لو شەنشەن

ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر

مەن بىر چەت ئەل كارخانىسىدا ئىشلەيمەن، بۇ بىرنەچچە يىلدا شىركەتنىڭ تىجارەت كىرىم ئەھۋالى يامان ئەمەس بولدى، مەن مەبلەغنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، كەسىپنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە يەنە قانداق سىياسەت-تەدبىرلىرى بارلىقىنى بىلىپ باققۇم بار؟

تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناشقۇچى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىدىكى مۇھىم قاتناشقۇچىسى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تۇتىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم قاتناشقۇچى.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز سودا تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 700 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ جەلپ قىلىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئالتە ئاي بۇرۇن تاماملىدى. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ۋە باج كىرىمىنىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىغا تۆھپە قوشۇپ، 30 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتتى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2025 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى (2025 ـ يىللىق نۇسخىسى)»نى ئاشكارا ئېلان قىلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025 ـ يىللىق نۇسخا مۇندەرىجىسىدىكى ئومۇمىي ماددا 1679 بولۇپ، 2022 ـ يىللىق نۇسخا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 205 ماددا ساپ كۆپەيتىلدى، 303 ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ تېخىمۇ كۆپ تاشقى مەبلەغ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىشقا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمال رايونىغا سېلىشقا يېتەكلىنىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك بىلەن بىرلىكتە «< جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش > داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2025)»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدا يۈرۈشلۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى پائال تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.

بۇ يىل 1-ئايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك سودا خىزمىتى يىغىنىدا، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ يارىتىپ، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشىدەك كۈچلۈك سىگنالنى قويۇپ بەردى. سودا مىنىستىرلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشنى تېزلىتىدۇ.

بىرىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىدۇ. مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىقلارنى ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىۋېتىلگەن ساھەلەرگە قارىتا «ئىجازەت بېرىش ھەم تىجارەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىش» تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ بازار ئىجازىتى جەھەتتە يولۇققان كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئىككىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ كۆپ تەرەپلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىدۇ.

ئۈچىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىدۇ. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ «ئېھتىياج تىزىملىكى»نى ھۆكۈمەتنىڭ «مۇلازىمەت تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرىدۇ. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئامىلغا ئېرىشىش، سالاھىيەت ئىجازىتى، ئۆلچەم بېكىتىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۇقرالىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ