
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا مۇھىم بولغىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە.» 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى كۆزدە تۇتۇپ، «ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش»نى تەلەپ قىلدى.
تۈزۈم دۆلەتنى مۇقىم قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانۇن - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تۈزۈلگەن، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن سانلارنىڭ كۆپلۈكى مىسلىسىز بولدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان. پارتىيەنى قائىدە - نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆزلۈك ئىنقىلابى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشىدىكى ئۆزگىچە شىفىر بولۇپ قالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاشتا، ھەم تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى چىڭىتىش ئەمما مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىك، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان قىلىش، ھەم تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىش كېرەك».
«كالا قوتىنىغا مۈشۈك سولاش» «قەغەز قەپەسكە يولۋاس سولاش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى «ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇش»تا.
بىر تەرەپتىن، بەزى قانۇن - نىزام، تۈزۈم، بەلگىلىمىلەر زىيادە پىرىنسىپال بولۇش، تومتاق بولۇش، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى ئانچە كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈم تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، قەپەسنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قانۇن - نىزام، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قانۇن - نىزام، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش» «رېشاتكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش»نى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە توك بار يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەردىن پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرى، تۈپ تەدبىرى»نى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.
«مۈشكۈل مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا ئىشنى قەيەردىن قول سېلىپ باشلاشنى بىلەلمەسلىك» مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئىشنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەردىن باشلاپ، قاتتىق قائىدە تۇرغۇزۇپ، قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، ئىلگىرى توسۇش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارالغان نۇرغۇن ناتوغرا ئىستىللارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىش تەس بولغان بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، «نەچچە يۈز ھۆججەت بىر ئېغىزنى باشقۇرالماسلىق»تەك قالايمىقان ئەھۋالنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتتى»، بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشى، شۇنداقلا بۇ، پۈتۈن پارتىيەگە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.
قىسمەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بەتخەجلىك، ھەشەمەتچىلىك - ئىسراپچىلىق ئەھۋاللىرى قايتا - قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
2025 - يىلى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»دا شەمشەر ناتوغرا ئىستىللارغا توغرىلاندى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تۈزۈم بولتىسى يەنىمۇ چىڭىتىلىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈم توسمىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تېجەشلىك بولۇشنىڭ «تەلەپ»تىن «ئادەت»كە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ قارىشى ئۆزگەردى، ياخشى يېيىش، تويغۇچە يېيىش، ئىسراپ قىلماسلىق ھەقىقىي <سالاپەت> ھېسابلىنىدۇ».
«شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە»نى تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن «يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پاك ئادا قىلىش بەلگىلىمىسى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پاك - دۇرۇس ئادا قىلىش بىلەن بىللە دادىل ئىشلەپ، يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلىنىشىغا كۈچ قوشۇشقىچە يەنە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت نىزامى»نى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەشكىچە... تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.
خەلقئارادىكى زاتلار مۇنداق باھا بەردى: كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى پارتىيەلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئىلھام ئالالايدۇ − سىياسىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.
تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا، ئاچقۇچلۇقى ھەقىقىي تۇتۇش، بۇنىڭدا تايىنىلىدىغىنى قاتتىق باشقۇرۇش.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «<بىرىنچى باشلىق> باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشى كېرەك» «قانۇن - نىزام، تۈزۈم، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك» «پارتىيە ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك». بىر رايون، بىر تارماقنىڭ تۈزۈمنى ياخشى ئىجرا قىلىش - قىلماسلىقىدىكى ئاچقۇچ «بىرىنچى باشلىق»تا. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق» ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن جايىدا ئىجرا قىلىشى، ئالاقىدار نازارەتچىلىكنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قانۇن - ئىنتىزامنى چۈشىنىشى، قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئەيمىنىشنى بىلىشى، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنىڭ ھەم «چەكلىگۈچى»، شۇنداقلا «قوغدىغۇچى» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىكى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن يوشۇرۇن قائىدىنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقىدىن مەھرۇم قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بۇرچى زىممىسىدە، مەسئۇلىيىتى زىممىسىدە. پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولىغاندا، چوقۇم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى ۋە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ