قان شېكىرىنى تىزگىنلەش دورىسى تەركىبىدە شېكەر بارمۇ؟ مۇخبىر «قان شېكىرىنى تىزگىنلەش مەھسۇلات»ىنىڭ ئارقىسىدىكى ئالدامچىلىقنى ئاشكارىلىدى

2026.01.14 17:01 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئادەمگىياھ، ئاچچىق كاۋا، قارا بۇغداي، ئۈجمە يوپۇرمىقى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ ھەرقايسى چوڭ تور سۇپىلىرىدا بازىرى ئىتتىك بولۇپ، ئاتالمىش «قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان خىسلەتلىك دورا» دەپ ئاتالغان. ھالبۇكى، نۇرغۇن ياشانغان بىمارلار تەشۋىقاتقا ئاسانلا ئىشىنىپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، قان شېكىرىنى كونترول بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە مۇنتىزىم داۋالىنىشقا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش «قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان خىسلەتلىك دورا» ھەرگىزمۇ دورا ئەمەس، بەلكى بىر خىل چىدامچانلىق تۈرىدىكى تەنھەرىكەت ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ تەركىب جەدۋىلىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى دەرۋەقە بىز كۆپ ئۇچرىتىدىغان قەنت ئۆرلىتىش تەركىبى ئىكەن.

مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دىيابېت بىمارلىرىنى پۇل خەجلەپ «قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان خىسلەتلىك دورا» سېتىۋېلىشقا ئۈندەش پەقەت سودىگەرلەرنىڭ چاتما توزىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى، ئارقىدىنلا بىمارلارغا قارىتا بىر يۈرۈش بىرگە بىر سېتىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بايقىغان: سودىگەرلەر مەھسۇلاتنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىستېمالچىلارنى ئاتالمىش «قان شېكىرىنى كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسى» بىلەن ئالاقىلىشىشكە يېتەكلىگەن، بۇ «مۇتەخەسسىس»لەر داڭلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، رېتسېپلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى قەستەن چۈشۈرۈپ، يۇقىرى باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلسا «دىيابېت كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ» دەپ داۋراڭ سالغان. شەندۇڭ داشۆسى چىلۇ دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خوۋ شىنگو مۇنداق دېدى: دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش ھەقىقەتەن يېمەك-ئىچمەكنى باشقۇرۇشقا چېتىلىدۇ. لېكىن، بۇ دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتقا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ