
مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى داليەن تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، داليەن تاموژنىسىغا قاراشلىق دادۇڭگاڭ تاموژنىسى يېقىندا چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش يولىدا تەركىبىدە مۇزسىمان زەھەر بولغان «ئۈچ يوق» ئورۇقلىتىش دورىسىدىن 2400 تالنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تاموژنا خادىملىرى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر يولۇچىنىڭ يۈك-تاق ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ماشىنىدا تەكشۈرگەندە نورمالسىزلىق بارلىقىنى بايقىغان. ساندۇقنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاموژنا خادىمى بۇ يۈك-تاق ساندۇقىدىن سۈزۈك سولياۋ خالتا بىلەن ھىم ئورالغان، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان كۆپ مىقداردىكى دورىلارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، بۇ تۈركۈم دورىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت لاياقەتلىك ئىسپاتى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئۇچۇرى يوق بولۇپ، جەمئىي 240 بولاق، 2400 تال ئىكەن. نەق مەيداندا تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بىر تۈركۈم دورىلارنىڭ مېتىل ئەنفېيتامىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. نۆۋەتتە، بۇ دېلو تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ