بەش تارماق تور سۇپىسىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇردى

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى نامىدا قانۇنسىز ئېقىم توپلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2026.01.14 17:00 مەنبە: خەلق تورى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «تور سۇپىسىدا تەكلىپ قىلىش تۈرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز مەيلىچە توردا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سالاھىيىتى ۋە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى چىڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، توردا تەكلىپ قىلىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: توردا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى ئىجازىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت خاراكتېرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ياكى تور سۇپىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۈچۈن تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق توردا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتە، قانۇن بويىچە ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك. تور سۇپىسى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تور سۇپىسى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنىڭ شەكلى ۋە ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، ئېلان قىلغان تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى ھەقىقىي، قانۇنلۇق بولۇشى كېرەك، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى نامىدا قانۇنسىز ئېقىم توپلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى تۈرىدىكى ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ تور ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ