

بۇ، 1 ـ ئاينىڭ 13-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىلىك مۇزېيدا سۈرەتكە تارتىلغان «خۇاڭخې دەرياسىدىن تىيانشان تېغىغىچە − تارىختىن بۇرۇنقى رەڭلىك ساپال بۇيۇملارنىڭ غەربكە قاراپ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش يولى» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان رەڭلىك ساپال بۇيۇملار.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى گەنسۇ ئۆلكىلىك مۇزېيغا كېلىپ «خۇاڭخې دەرياسىدىن تىيانشان تېغىغىچە − تارىختىن بۇرۇنقى رەڭلىك ساپال بۇيۇملارنىڭ غەربكە قاراپ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش يولى» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ كۆرگەزمىنى گەنسۇ ئۆلكىلىك مۇزېي بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شۇنداقلا گەنسۇ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى جەمئىي 15 مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كۆرگەزمە «خۇاڭخې دەرياسى بويى»، «لۇڭشەن تېغىدىن ھالقىش»، «غەربكە قاراپ چىليەنشەن تېغىنى كېسىپ ئۆتۈش»، «تىيانشان ئېتىكى»دىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن، 175 پارچە (گۇرۇپپا) قىممەتلىك رەڭلىك ساپال مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنچىكە تاللاپ كۆرگەزمە قىلىنىپ، 4000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ھالقىغان، شەرق بىلەن غەربنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىسىنى كېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسى سىستېمىلىق بايان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ