

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى تيەنجىن مۇزېيىدا «ئوقەتچىلىك ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش − يېقىنقى زامان تيەنجىن سودا-سانائەت كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
يېقىندا، «ئوقەتچىلىك ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش − يېقىنقى زامان تيەنجىن سودا-سانائەت كۆرگەزمىسى» تيەنجىن مۇزېيىدا ئېچىلدى، كۆرگەزمىدە تيەنجىننىڭ يېقىنقى زامان ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك قاتارلىق كەسىپلىرى ۋە سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئاساسىي مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، 320 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرەت، 120 پارچە (يۈرۈش)دىن ئارتۇق ئەمەلىي كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئۈچ ئاي داۋاملىشىپ، جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.




ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ