ترامپ: ئىراننىڭ بارلىق سودا ھەمراھلىرىدىن %25 تاموژنا بېجى ئالىمىز

2026.01.13 16:08 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە» سۇپىسىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈندىن باشلاپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان ھەرقانداق دۆلەتتىن ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق سودا پائالىيىتىدە %25 تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ.

ترامپ بۇ قارارنى «ئاخىرقى ۋە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ