ئەنگلىيە تەرەپ پۇتىننى «قولغا ئالىمىز» دېدى، رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2026.01.13 16:07 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 1-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ھىللىنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى «تۇتقۇن قىلىش» توغرىسىدىكى قارىشى ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك.

زاخاروۋا شۇ كۈنى رۇسىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھىللىنىڭ پۇتىننى «تۇتقۇن قىلىش» توغرىسىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى «ئەنگلىيەنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن بىنورمال چۈشى» دېگەن.

ھىللى يېقىندا ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولغاندا، ئۇكرائىنا تەرەپ تاراتقۇسىنىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى قايسى رەھبەرنى «تۇتقۇن قىلىش»نى تاللايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ «پۇتىننى قولغا ئېلىپ، ئۇنى ئۇرۇش جىنايىتىگە جاۋابكار قىلدۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ