ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن 100 مىليون يۈەننى نامسىز ئىئانە قىلدى

2026.01.13 16:04 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ «130 قاتناش داشۆسى. مېھىر ـ مۇھەببەتكە ھەمراھ بولۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش» ئىئانە قىلىش مۇراسىمى شىڭچىڭ مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىئەن قاتناش داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مەكتەپداش بىر جۈپ ئەر ـ خوتۇن ئانا مەكتىپىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، 100 مىليون يۈەننى نامسىز ئىئانە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن مەكتەپداشلار، ھەمكارلاشقان كارخانىلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ بەس-بەستە ئىئانە قىلىپ، قاتناش داشۆسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ