
مۇخبىرىمىز شۈ يۈياۋ

سۈرەتتە: قاردىن كېيىنكى رەنۋۇ كۆلىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
مۇخبىرىمىز شۈ يۈياۋ فوتوسى
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.
− «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىن ئۈزۈندە
شياڭبا دوجيېنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا تۇرغاندا، دېرىزىنى ئاچسىلا مەنزىرە نامايان بولىدۇ. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چاڭدۇ شەھىرى باسۇ ناھىيەسىنىڭ رەنۋۇ بازىرىدا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان قارلىق تاغلار ۋە بۈك-باراقسان ئورمانلار، مۇزلۇقلار تاغ چوققىسىدىن ئەگرى-بۈگرى تۆۋەنگە سوزۇلغان بولۇپ، رەنۋۇ كۆلىنىڭ كۆل يۈزى كۆپكۆك، دولقۇنلار قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى.
«قاراڭ، نېمىدېگەن گۈزەل!» دېدى شياڭبا دوجيې يىراقتىكى مەنزىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن ئىپتىخارلىنىش چىقىپ تۇراتتى.
رەنۋۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سولاڭ دودەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يىللاردا، رەنۋۇ بازىرىغا ئوينىغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەرنى ئاساس قىلاتتى، داكا قىلىپ سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن كېيىنكى مەنزىرىگە قاراپ ماڭاتتى، بىزنىڭ بۇ يەردە تاماق يېمەيتتى ۋە قونمايتتى، شۇڭا بەك كۆپ ئىستېمال ئېلىپ كېلەلمەيتتى.»
قانداق قىلغاندا ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ؟
2022-يىلىدىن باشلاپ، رەنۋۇ بازىرى ئەسلىھەلەرنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى باشلىدى: يول تېخىمۇ كەڭ، راۋان بولدى، ئېكسكۇرسىيە پىيادىلەر يولى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، يەنە تېخىمۇ ئىلمىي، قولاي، مەنزىرىسى تېخىمۇ ئۆزگىچە لىنىيە تەسىس قىلىندى.
قاتناش كۈنسېرى قولايلاشتى، رەنۋۇ كۆلىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كۆل مەنزىرە بەلبېغى، گاڭرىگابۇ قارلىق تېغى، رەنۋۇ ئۆڭكۈرى، لەيگۇ مۇزلۇقى، رەننا يايلىقى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەر ئارقىمۇئارقا ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەر قارلىق تاغ، ئورمان، كۆلنىڭ بىر پۈتۈن ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى.
«مەنزىرە ئالدىنقى شەرت، ئەسلىھە ئاساس، ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشى نېگىز.» سولاڭ دودەن مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى زورايدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى، مۇھىتقا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئۆزگەردى.»
ئىلگىرى، رەنۋۇ بازىرى ئەتراپىدىكى تاغ ـ دەريا، سۇلۇق يەر ئالدىدا، ئاھالىلەر قانداق قىلىپ بوز يەر ئېچىش ۋە چارۋا بېقىشنى ئويلايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىك تەشكىللىنىپ ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى، سۇ باشقۇرغۇچىلار قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىتنى ئاڭلىق قوغدىدى. ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە تاغ، كۆللەرنى چارلايدۇ. 2024-يىلىدىن بۇيان، رەنۋۇ بازىرى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى 400 قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇپ، 2200 قېتىمدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم قاتنىشىپ، 40 توننىدىن ئارتۇق ئەخلەتنى تازىلاپ توشۇپ، مۇھىتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى.
ئىشىك ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرە پۇرسەت ۋە بايلىق ئېلىپ كەلدى. «بۇ بىرنەچچە يىلدا، بازىرىمىز ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىم توختايدىغان جايىغا ئايلاندى، نۇرغۇن كىشىلەر مەخسۇس رەنۋۇ كۆلى مەنزىرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلدى.» سولاڭ دودەن مۇنداق تونۇشتۇردى: رەنۋۇ بازىرى يىلدا 150 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتىن 60 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەزىيەتكە قاراپ سودىگەر چاقىردى ۋە مەبلەغ جەلپ قىلدى، بىر تۈركۈم ئالىي دەرىجىلىك مېھمانسارايلار رەنۋۇغا ئورۇنلاشتى. شياڭبا دوجيېنىڭ ئوغلى دۇنجۇ پىڭسو بازاردىكى بىر مېھمانخانىدا ئىشلەيدۇ.
شياڭبا دوجيې: «سىز بازاردا مېھمانخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى ئۆگەندىڭىز، قايتىپ كېلىڭ، بىز پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ ئۆزىمىز ئىش قىلايلى» دەپ ئوغلىغا مەسلىھەت سالدى.
بىر كەنت كادىرى شياڭبا دوجيېنى ئىلھاملاندۇرۇپ شۇنداق دېدى: «بازىرىمىز شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىگە ئېرىشتى، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ باشقا جايلارغا بېرىپ تەربىيەلىنىشىگە مەدەت بېرىدۇ، مەن سىلەرگە بىر ساننى قولغا كەلتۈرۈپ بېرەي.»
ئۇزاق ئۆتمەي، شياڭبا دوجيې بازاردىكى بىرنەچچە يۇرتداش بىلەن بىللە، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتىنى ئۆگەندى. تەربىيەلەشكە قاتناشقان شياڭبا دوجيې تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم مېھمانخانسارايدىن ئۆگەندى، مەن باشقا جايدىكى قونالغۇلاردىن ئۆگەندىم، تەجرىبىمىزنى بىرلەشتۈرسەك، قونالغۇ ئاچساق چوقۇم پۇل تاپالايمىز.»
ياخشى مەنزىرە بار بولدى، قانداق قىلىپ مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش بەك مۇھىم. مېھمانلار قانداق تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشى كۆرىدۇ؟ قەيەر داكا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي؟ قايسى قىياپەت ۋە نۇقتا ئەڭ گەۋدىلىك؟ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، دۇنجۇ پىڭسو ئاللىقاچان «مۇتەخەسسىس»كە ئايلىنىپ، ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا مېھمانلارنىڭ خاس ئېھتىياجىنى قاندۇرالايتتى. تىجارەت باشلىغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ كىرىمى 310 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
«ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىندى. يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىزنىڭ <گۆھەر ماكان> ىمىزغا ئايلاندى!» شياڭبا دوجيې مۇنداق دېدى: «يايلاق، قارلىق تاغلارنى بىز ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆرۈۋاتىمىز. بۈگۈنكى كۈندە، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىزگە بايلىق ئېلىپ كەلدى.»
سولاڭ دودەن مۇنداق دېدى: «< 15-بەش يىل >دا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، بىز ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تىرانسپورت كەسپى، مۇلازىمەت كەسپى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپى قاتارلىقلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ