
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:
بىرىنچى، خۇاڭ شىليەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جىڭ چۈەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، تەن جيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوللاندىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
شېن بونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوللاندىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، جاڭ يەنلىڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانتىگۋا ۋە باربۇدادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جياڭ ۋېي (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانتىگۋا ۋە باربۇدادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
تۆتىنچى، چېن جىخۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لى شياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
بەشىنچى، جاڭ جيەنۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇۋەيت دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ياڭ شىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇۋەيت دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئالتىنچى، ۋاڭ چىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېررالېئون جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جاۋ يۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېررالېئون جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
يەتتىنچى، ۋاڭ شۇنچىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
كاڭ يەن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى؛
سەككىزىنچى، جاۋ بېنتاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ياڭ يىرۇينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
توققۇزىنچى، چېن شۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جيا گۇيدېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ