
1-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تاغقا چىقىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى قىشلىق تاغقا چىقىش دالا ھەرىكىتى بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پىيادە كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قىش پەسلىدە تاغقا چىقىش دالا ھەرىكىتىدىكى زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پىيادە كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى قاتتىق مەنئى قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ