كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاندا نېمىشقا دائىم بىر نەرسە يېگۈڭىز كېلىدۇ؟

2026.01.12 15:40 مەنبە: خەلق تورى

تەشۋىشلەنگەندە، چۈشكۈنلەشكەندە، بېسىم ئېغىرلاشقاندا، تۇيۇقسىزلا بىر نەرسە يېگۈڭىز كېلەمدۇ؟ بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى شۈنيى ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى يۇڭجىن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بەلكىم چوڭ مېڭىڭىز «مەن توغرا ئوزۇقلۇققا موھتاج» دەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئىلىم-پەن تەدرىجى ھالدا شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، كەيپىياتىمىزنىڭ داۋاملىق قالايمىقانلىشىشى، تۈگىمەس تەشۋىشلىنىش ياكى سەۋەبسىزلا چۈشكۈنلىشىش كۆپ ھاللاردا بەدىنىمىزدىكى بەزى ھالقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كەيپىيات مەسىلىسى بەزىدە پەقەت پىسخىكا مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە بەدەندىكى «ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك» مەسىلىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ