
جۇڭ سەيپىڭ
ئېچىۋېتىش ‐ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» تەكىتلەندى ھەمدە 2026-يىلى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە قارىتا بىر قاتار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتكە خاس ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالىنى جاكارلىدى.
جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى دۇنيانى بازار ئېچىش يېڭى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بازار بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كەم ئۇچرايدىغان بايلىقتۇر. جۇڭگو بازىرى غايەت زور كۆلەمگە ئىگە. جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، جۈملىدىن غايەت زور ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى بار، 2025-يىلى جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 50 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو بازىرى كۆرۈنەرلىك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا، جۇڭگودىكى ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنىڭ 800 مىليوندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو بازىرى ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتكە ئىگە. ھازىر، جۇڭگونىڭ ھەر يىللىق ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 20 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، 80 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت مەنزىلىگە ئايلاندى، ئۇدا سەككىز يىل ئۆتكۈزۈلگەن ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى جەمئىي 580 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو ئوچۇق دەرۋازىسىنى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ كەڭ پۇرسىتىنى بەھرىلەيدۇ.
كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دۇنيانى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل مۇقىم ھالدا دۇنيا بويىچە 1-ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇپ كەلدى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىق سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيانى سۈپىتى يۇقىرى، باھاسى ئەلا، مۇقىم، ئىشەنچلىك مەھسۇلات تەمىناتى بىلەن سىجىل تەمىنلەپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى «ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا»غا ئايلاندى. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئۆتكەن ئون يىلدا دۇنيا بويىچە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق چىقىرىلغان ھەر كىلوۋات سائەت توك تەننەرخىنىڭ جەمئىي %80 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كارخانىلىرى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدا يولغا قويغان تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ۋە مىكرو ئېلېكتىر تورى تۈرى ئافرىقا كېچىسىنى يورۇتۇپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەر ئۈچۈن زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە ئىمپورت تەننەرخىنى تېجەپ بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ھالدا چېگرا ھالقىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ يېتەكلەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشى، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، يېڭى سەھىپە پۈتىدۇ.
جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، دۇنيانى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك فاڭجېنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بازار ئىجازىتىنى سىجىل قويۇۋېتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. جۇڭگونىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى، يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلگەن چوڭ بازىرى نۇرغۇن يېڭى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنى بەس-بەستە جۇڭگودا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلدى. نۇرغۇن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەجرىبە مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى، پەقەت جۇڭگودا قالغاندىلا، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگەشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ چېگرا ئىچىدە قايتا سېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىشى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىدىكى يانداش ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى مۇئامىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى كېلىشنى خالايدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى تەرەققىي قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش دۇنيانى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2013-يىلىدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئورتاق قۇرۇلۇشى جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئەمەلىيەتكە يۈزلەندى، «چوڭ سىزما رەسىم»دىن «نەپىس سىزما»كە يۈزلەندى. جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تۆت يىلدا 62 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇلدى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 120 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى، «چيەنكەي-شاڭخەي» دېڭىز تىرانسپورتىدا قوش يۆنىلىشلىك تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، سەھىيە، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. .. مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «كىچىك ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرى بىرتۇتاش پىلانلاندى ۋە ئالغا سىلجىتىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بۈگۈنكى دۇنيادىكى دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ «قاتتىق تۇتاشتۇرۇشى»، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇشى»، «قەلب تۇتاشتۇرۇشى»نى ئىلگىرى سۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئوچۇق، يېشىل، پاكىز بولۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت يېتەكچى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، زەمبۇرۇغ ئوتى، نۇرانە سەپەر، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىق «كىچىك ئەمما گۈزەل» خاس داڭلىق ماركىلارنى يارىتىپ، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك ئىقتىساد، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ