
ۋەتەن چىگراسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە «ئات ئۈستىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقات ئەترىتى» جانلانماقتا. ئۇلار ئاتنى كېمە، ئېتىقادنى يەلكەن قىلىپ، ئۆز قەدىمى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ پولاتتەك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى. تۈزەلگەن ھەم ئالماشتۇرۇلغان ئات تۇياقلىرى ئۇلارنىڭ تاغ-دەريالارنى كېزىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ جاراڭلىق گۇۋاھچىسى؛ ئەگرى-بۈگرى تاغ يولى ئەزەلدىن ئالغا ئىلگىرىلەشكە توسالغۇ بولغان ئەمەس، تىل ھاڭىدىن ھالقىغان ھەر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىش ئىزدىنىشلىرى پەقەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇرۇقىنى چارۋىچىلارنىڭ قەلبىگە چېچىش ئۈچۈندۇر. 6-قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز ئۈن-تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغان بارلىق ساقچىلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ