
شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، گرېنلاندىيە ئارىلى مەسىلىسىدە، ئاقساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى لېۋىت مۇنداق دېدى: گرېنلاندىيە ئارىلىنى «سېتىۋېلىش» لايىھەسىنى زۇڭتۇڭ ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كوللېكتىپى پائال مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ترامپ ھەرقانداق تاللاشنى مۇددەتتىن بۇرۇن نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ، «بارلىق تاللاشلار باشتىن-ئاخىر ئاشكارا بولىدۇ»، لېكىن دىپلوماتىيە باشتىن-ئاخىر زۇڭتۇڭنىڭ ئالدىن تاللايدىغان يولى، دەپ تەكىتلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ