ھەر ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 800 يۈەن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ!

شىنجاڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال تولۇقلىمىسى تۈرىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويدى

2026.01.09 14:41 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش تۈرىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان.

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە تارقاتقان «ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال تولۇقلىمىسى تارقىتىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، شىنجاڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ بېرىدۇ، ھەر بىر ئادەمدىن ھەر ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 800 يۈەن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، دەسلەپكى يولغا قويۇش مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ