كۆيدۈرۈۋېتىلدى! جيۇدىڭ بازىرى بىر تۈركۈم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رەڭ دورىسى ئىشلىتىلگەن شېكەر جۈزىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2026.01.09 14:41 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى قاتتىق زەربە بەردى

تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بىر تۈركۈم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رەڭ دورىسى ئىشلىتىلگەن شېكەر جۈزىنىڭ بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى

ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇپ، سېتىشنى قاتتىق مەنئى قىلدى

نۆۋەتتە بۇ بىر تۈركۈم رەڭ دورىسى ئىشلىتىلگەن شېكەر جۈزىنى بازارغا كىرگۈزمەي

بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەنبەدىن ساقلاپ قالدى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

شېكەر جۈزىنى تاللىغاندا ئالدى بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراش كېرەك

ئەگەر پوستى قىزىل، رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدىغان شېكەر جۈزىگە ئۇچرىغاندا

چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن سېتىۋېلىش كېرەك

بۇ بەلكىم سۈنئىي رەڭ دورىسى قالدۇرغان ئىز بولۇشى مۇمكىن

تەملىك شېكەر جۈزىنىڭ سىرتقى يۈزى قوپالراق، ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بار بولىدۇ

ئىككىنچىدىن، شېكەر جۈزىنىڭ پوستى ئىنتايىن چىڭ

سويغاندا بىر پارچە-بىر پارچىدىن بولىدۇ

يانفوننىڭ قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ قارىسا قۇم شېكەر جۈزىسىنىڭ

سىرتقى يۈزىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى خۇددى ھەرە كۆنىكىگە ئوخشاش

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ