
2026-يىلى پەقەت بۇ ئىككى تېلېفون نومۇرىنى ئەستە چىڭ ساقلىسىڭىزلا، ئالدىنىش ئېھتىماللىقىڭىز زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ!
96110: مەملىكەت بويىچە ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى
سىز 96110 تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندا، بۇ سىزنىڭ ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
12381: مەملىكەت بويىچە ئالدامچىلىققا چېتىشلىق ئالدىن سىگنال بېرىش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش قىسقا ئۇچۇر مەخسۇس نومۇرى
12381 قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، چوقۇم تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، بۇ مەزمۇنلار بىر تەرەپتىن بەزى يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سىز يولۇقۇۋاتقان ئالدامچىلىقنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەگەر ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي بولسا، ئالاقىدار كىشى ئالدامچىلىق ئىچىدە بولسا، ساقچىلار بىۋاسىتە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىدۇ، بۇ چاغدا سىز چوقۇم نەسىھەتنى ئاڭلاڭ!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ