
1-ئاينىڭ 8-كۈنى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ مىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2025-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى بىرلىكتە تۇرغۇزغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.8 تۆۋەنلەپ، يەنە مۇشۇ ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان، تۇرغۇزۇلغان ئامانلىق ساقلاش دېلولىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %3.5 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى، ئادەم ئالداپ سېتىش، ئەنئەنىۋى «ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق» دېلولىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.7، %40.7،%21.2 تۆۋەنلىگەن.
2025-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىدىكى 210 خەلق ساقچىسى، 142 ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن سىستېمىسىدىكى 1-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچىدىن ئىككىسى، 2ـ دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچىدىن 40ىگە نام بېرىلدى. ئۇلار ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇردى.
1-ئاينىڭ 10-كۈنى
6-قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى
جۇڭگو خەلق ساقچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!
ھەر قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا چىققاندا
ئۇلارنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ