يۈننەن خۇڭخې دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى −

ئورتاق پايدا ئېلىش پىكىر يولى ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇردى (4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز)

2026.01.09 14:39 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز ياڭ ۋېنمىڭ، يې چۈەنزېڭ

يىللىق كىرىمىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشقا شۈ زې پەقەت ئۈچ يىللا سەرپ قىلدى. بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغان؟

يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې خانىزۇ-يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مېڭزى شەھىرىنىڭ قىش كۈنلىرىدە، شامال يەنىلا ئىللىق ئىدى. ساۋبا بازىرى شيەنجىڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى شۈ زې ئىش كىيىمى كىيىپ لەنمېي ئېتىزلىقىدا تۇراتتى، ئۇ تەرگە چۆمۈلگەن چىرايىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي: «300 جىڭدىن ئارتۇق ئۈزدۈم، 20 مىڭ يۈەنگە ساتالايمەن!» دېدى.

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، شۈ زې شۇ جايدىكى بىر لەنمېي شىركىتىنىڭ تىرانسپورت ئىشچىسى ئىدى، سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئىشلىسىمۇ، كىرىمى ئاشمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ 22 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، يىللىق كىرىمى 400 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى خېلى نامى بار «لەنمېي چوڭ ئائىلىسى»گە ئايلاندى.

تىرانسپورت ئىشچىسىدىن «لەنمېي چوڭ ئائىلىسى»گىچە، قانداق قىلىپ ساھە ھالقىيالىدى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك».«دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېگەن بۇ سۆز پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «تەكلىپ»ىگىمۇ كىرگۈزۈلدى.

بۇ جاينىڭ كەڭلىك گىرادۇسى تۆۋەن، دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز، كىلىماتى ئىللىق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 19 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى. بۇنداق ئەۋزەللىك مېڭزىنى لەنمېي ئۆستۈرۈشتىكى گۆھەر زېمىنغا ئايلاندۇردى. ساۋبا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لەن خاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 5-ئايغىچە بولغان ۋاقىت باشقا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بوش مەزگىلى بولسا، بىزنىڭ مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىلىمىز.»

لەنمېي كەسپىدىكى باشلامچى شىركەتلەر بەس-بەستە بۇ يەرنى تاللىغان، مەھسۇلات قىممىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشمىغانىدى.

شۇ چاغدا ساۋبا بازارلىق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسى ئىككى «يۇقىرى بولماسلىق»نى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي ناھايىتى غەمگە پاتقانىدى: كارخانىلارنىڭ دېھقانلارنى يېتەكلەش ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس، ئۆزى ئىشلىسە پايدىسى كۆپ ئىدى، دېھقانلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا يەنە تېرىقچىلىق سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى؛ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس، لەنمېي ئۆستۈرۈپ باقمىغان، سېلىنمىسىمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى.

كېيىن، ساۋبا بازىرى كەنت كوللېكتىپ كارخانىسى جېنشېڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇردى، جېنشېڭ شىركىتى «ۋاسىتىچى» بولۇپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش يولىدا مېڭىشقا تىرىشتى.

ھۆكۈمەتنىڭ كەسىپ تەرەققىيات مەبلىغىنى قوبۇل قىلىپ، جېنشېڭ شىركىتى دېھقانلارغا پارنىك يوپۇقى، ئۇل ماددا، كۆچەت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ بەردى؛ دېھقانلار يەر چىقىرىپ، تېرىقچىلىق، پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدى؛ ساۋبا بازىرى يەر ئىشلىتىش جەھەتتىن قوللاپ ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، باشلامچى كارخانىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە سېتىش يولىنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى.

جېنشېڭ شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جوۋ جىچياڭ مۇنداق دېدى: «لەنمېي سېتىش كىرىمى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ %60، كەنت كوللېكتىپى ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ %20 نىسبىتى بويىچە تەقسىملەندى.» «622» دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمى يولغا قويۇلغان يىلى ساۋبا بازىرىدىكى 15 دېھقان ئائىلىسى قوشۇلدى، شۈ زې دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

«مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەش ئارقىلىق ئۆستۈرۈلگەن لەنمېي چوڭ ھەم تاتلىق بولدى.» شۈ زې بەش مو يەردە لەنمېينى سىناق قىلىپ تېرىپ، شۇ پەسىلدە 120 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى، بۇ بىر پەسىلدىكى كىرىمى يۈك توشۇش بىلەن شۇغۇللانغان بىر يىللىق كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى.

دېھقانلارنىڭ ھەميېنى تومپىيىپلا قالماي، مېڭزى شىنئەنسو كوچا باشقارمىسى شياۋشىنجەي كەنتى كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق پايدا تەقسىمات كىرىمىنىڭ %5ىنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، بۇلتۇر 124 ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى.

خۇڭخې ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ رۇيجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى داۋاملىق تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ