شىزاڭنىڭ دىڭرى ناھىيەسى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا «شۇ يىلى قايتا قۇرۇش، شۇ يىلى كۆچۈپ كىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

يېڭى ئائىلە، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات

2026.01.09 14:33 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىدىن يۈەن چۈەن، شۈ يۈياۋ، چيوڭدا، جوگالار خەۋىرى

شىزاڭ رىكازى شەھىرى دىڭرى ناھىيەسى چاڭسو يېزىسى چاجياڭ كەنتىدىكى قىزغۇچ ئاق رەڭلىك زاڭزۇ ئۇسلۇبىدىكى يېپيېڭى بىر كىچىك بىنا سولاڭدوجىنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۆي سىرتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، ئۆي ئىچىدىن ئىسسىق سېرىق ماي چېيىنىڭ خۇش ھىدى تۆت ئەتراپقا تارىلىپ تۇراتتى.

14 ياشلىق سولاڭدوجى بىر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ، بىر تەرەپتىن سەكرەپ، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقانىدى. بىر يىل ئىلگىرى، دىڭرىدا يەر تەۋرىگەندە ئۇ خارابىلىك ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىپ، ئىككى پۇتى سۇنۇپ كەتكەنىدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن خارابىلىكتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان ۋاقىت ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە.

«چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن ئوت ئۆچۈرگۈچى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن!» سولاڭدوجى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولغانىدى.

2025-يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى:«پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادەم ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك»، «ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» 2025-يىل 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«دىڭرى ناھىيەسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىزاڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خارابىلىك ئىچىدە يېڭى يۇرت-ماكان قۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي 22 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئۆيى قايتا سېلىنىپ، كۆلىمى 3 مىليون 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، جەمئىي 10 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئۆيى رېمونت قىلىنىپ مۇستەھكەملەندى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىدە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇردى −

ساجا ناھىيەسىنىڭ ساجا بازىرى شاربا مەھەللىسىدە بىر ئالاھىدە كوچا بار، بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى ئاپەتتىن كېيىن قايتا سېلىنغان يېپيېڭى ئاھالىلەر ئۆيى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ، تەكشى يولدا ئىككى ئاپتوموبىل يانمۇيان ماڭالايدۇ.

ئىلگىرى «جىم يولى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چىغىر يولنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىرلا كېلەتتى. «قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانى بويىچە يول كېڭەيتىلگەچكە، يول بويىدىكى ئاھالىلەر بىر قىسىم ئۆيلۈك يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كەلدى» دېدى ساجا ناھىيەسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش بويىچە كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىرى ئاۋاڭ رېجى.

ئۈچ پارتىيە ئەزاسى باشلامچىلىق بىلەن ئائىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئۆيلۈك يېرىنى بوشىتىپ بەردى؛ ئاۋاڭ رېجى پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، 18 ئائىلىنىڭ ھەممىسى «بىر مېتىر» يەرنى بوشىتىپ بەردى.

لازى ناھىيەسىنىڭ شىچىن يېزىسى شىچىن كەنتىدە، بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، «ياشانغانلار، بالىلار»غا سىجىل مۇلازىمەت قىلدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پۇبۇزاشى مۇنداق دېدى:«قىيىنچىلىق قەيەردە بولسا، پارتىيە ئەزالىرى شۇ يەرگە باردى.»

ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىزاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھۆددىگە ئېلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، شەھەر ناھىيەنى ھۆددىگە ئالدى، ناھىيە يېزىنى ھۆددىگە ئالدى، يېزا كەنتنى ھۆددىگە ئالدى، 836 نەپەر كەنتنى ھۆددىگە ئالغان كادىرنىڭ ھەممىسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى؛ رىكازى شەھىرىدىكى ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك 6600 دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى.

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يېڭى ماكاننى قايتا قۇرۇپ چىقتى −

يوللار تەكشى، كىچىك بىنالار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. پۇتبول مەيدانىدا بالىلار يۈگۈرۈشۈپ خۇشال ئويناۋاتاتتى. دىڭرى ناھىيەسى چاڭسو يېزىسىنىڭ سېنگا كەنتىدە تۈرلۈك يانداش ئەسلىھەلەر مۇكەممەل ئىدى.

«شاڭخەيلىك دوستلار بىزگە يېڭى ماكان قۇرۇپ بەردى! » كەنت ئاھالىسى لوبۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرجىمانى بولدى.

سېنگا كەنتى دىڭرىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كەنتلەرنىڭ بىرى، شاڭخەي بۇ كەنتنىڭ پۈتۈن كەنت بويىچە قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. شاڭخەي بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى باش ھۆددىگە ئېلىش بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلۇش باش نازارەتچىسى جۇاڭ يىنۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بىز ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يېشىل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان يېڭى كەنت بەرپا قىلىشقا تىرىشتۇق.»

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بەردى.

يىرىك پىلان باسقۇچىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار يېتەكچىلىك قىلدى ۋە قوللىدى؛ لايىھەلەش ھالقىسىدا، شىزاڭ تۇڭجى داشۆ قاتارلىق ئورۇنلاردىكى 1000 دىن ئارتۇق كەسپىي تېخنىكا خادىمىنى ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى؛ قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 134 كارخانا، 2600 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىشنى باشقۇرغۇچى خادىم، 61 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۇدا جەڭ قىلدى.

كەسىپلەر گۈللەندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى −

زىمىستان قىشتا، دىڭجيې ناھىيەسى دۇڭرې كەنتىدىكى يەم-خەشەك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، يەم-خەشەك پىششىقلىنىش ئارقىلىق رەتلىك تايلىنىپ ئوت-چۆپ باغلىمىسىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتاتتى.

تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئۈمىدكە تولغان كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشتى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 650 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەچچە ئون ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەر گۈللەندى، خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولدى. رىكازى شەھىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ناھىيەلەرنىڭ يەم-خەشەك كەسپى قۇرۇلۇشىنى يۈكسەلدۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، رىكازى شەھىرى ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى خارابىلىكلەرنى تازىلاش، رېمونت قىلىش-مۇستەھكەملەش قاتارلىق ھالقىلارغا ئاتلىنىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، 110 مىڭ 500 كىشىگە نەپ يەتكۈزۈپ، 1 مىليارد 164 مىليون يۈەن كىرىم قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق دېدى:«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، < شۇ يىلى قايتا قۇرۇش، شۇ يىلى كۆچۈپ كىرىش > خىزمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ