
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەخمىنەن يېرىم سائەت ئىچىدە ئىككى ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 8 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا رۇسىيەنىڭ بىر ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئامېرىكا جەنۇب قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا خەلقئارا سۇ رايونىدا دۆلەت تەۋەلىكى يوق بىر ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ