
يېقىندا، بىر تورداش سىن يوللاپ «ئونسۇ ناھىيەسى كومسومول بازىرىدىكى 300 مىڭ مو يەرنىڭ ئوبوروت ھەققى يوق، يەرنىڭ خاراكتېرى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق، ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە بولىدۇ» دەپ ئىنكاس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە مۇنازىرە قوزغىدى.
ئونسۇ ناھىيەسى كومسومول بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ ئۇچۇر يالغان مەزمۇن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەرنىڭ خاراكتېرى، ئوبوروت باھاسى، ياردەم تولۇقلىما ئۆلچىمى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ساختا ئىكەن.
تور ئەھلى لى X X ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىمىغان ئەھۋالدا، ئالاقە تورى سۇپىسىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنى ئازدۇرۇپ، توردا تارقىتىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان. نۆۋەتتە، ئونسۇ ناھىيەلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ لى X X كە قانۇن بويىچە تەنقىدىي تەربىيە بەردى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ