2025-يىلى مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى %33.69كە يەتتى

2026.01.08 15:17 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى %33.69كە يېتىپ، 2024-يىلىدىكىدىن 1.82 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى %36.68، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى %30.58 بولۇپ، 2024-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1.94 ۋە 1.47 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %36.71،%32.98 ۋە %29.09 بولۇپ، 2024 ـ يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1.73، 1.50 ۋە 1.82 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، غەربىي رايونلار بىلەن شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كىچىكلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ