«ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادىن جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى»، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى جەزمەن قوغدىلىشى كېرەك

2026.01.08 15:15 مەنبە: خەلق تورى

بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلادىن جۇڭگو، رۇسىيە، ئىران، كۇبا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى چوقۇم ئۈزۈپ تاشلاپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا پەقەت ئامېرىكا بىلەنلا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى دېگەن خەۋىرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېنېزۇئېلا ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەت، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە تولۇق مەڭگۈلۈك ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە.

ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئۆكتەملىك بىلەن قورال كۈچى ئىشلىتىشى ھەمدە ۋېنېزۇئېلادىن ئۆزىنىڭ نېفىت بايلىقىنى بىر تەرەپ قىلغاندا «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى تەلەپ قىلىشى تىپىك زومىگەرلىك قىلمىشى بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، جۇڭگو تەرەپ بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. «مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ