
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە 5 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق گۆش قويىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تاماملىنىپ، پىلاندىكى ۋەزىپە ئاشۇرۇپ تاماملانغان ھەم تارىخىي رېكورت يېڭىلانغان.
2025-يىلىنىڭ بېشىدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ گۆش قويىنى كۆپەيتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك سىياسەت، ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىپ، «دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي شارائىتقا ئاساسەن شالغۇتلاشتۇرۇش، مەيداندا كۆپەيتىش، ئائىلىدە بېقىش، كۆلەملىك بورداش»تەك باقمىچىلىق ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، گۆش قويىنى «سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش + ئوخشاش مەزگىلدە كۈيلىتىش + ئىقتىسادىي شارائىتقا ئاساسەن شالغۇتلاشتۇرۇش» تېخنىكىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئالاقىدار تارماقلار نەق مەيداندا تەربىيەلەش ۋە بىرىنچى سەپتە نۇقتىدىن نۇقتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، باقمىچىلارنىڭ سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش مەشغۇلات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يىلدا ئۈچ تۇغدۇرۇش»تىن ئىبارەت يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ