مادۇرو ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئەيىبلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2026.01.06 15:10 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا مەجبۇرىي كونترول قىلغان ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو ئامېرىكا نيۇيوركتا سوتقا قاتناشقاندا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «ئەيىبلىشى»گە قارىتا «جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

مادۇرو سوتچىغا مۇنداق دېدى: «مەن ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى، مەن ۋېنېزۇئېلانىڭ كاراكاستىكى ئۆيۈمدە مەجبۇرىي كونترول قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن».

مادۇرو ئامېرىكا تەرىپىدىن «زەھەر تېررورلۇق سۇيىقەستى جىنايىتى، كوكائىن ئەتكەسچىلىك سۇيىقەستى جىنايىتى، پىلىموت ۋە بۇزغۇنچىلىق قۇرۇلمىسىنى ساقلاش جىنايىتى، شۇنداقلا ئامېرىكىغا قارىتىلغان پىلىموت ۋە بۇزغۇنچىلىق قۇرۇلمىسىنى ساقلاش سۇيىقەستى جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ