
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرونى مەجبۇرىي كونترول قىلىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلدى. بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە، نيۇيورك تاۋار سودا بېرژىسىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكاز مال باھاسى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، 2-ئايلىق ئالتۇن زاكاز مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بىر مەھەل %3 تىن ئاشتى، 3-ئايلىق كۈمۈش زاكاز مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىر مەھەل %7 تىن ئاشتى.
بەزى بازار ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 2025-يىلىغا ئوخشاش، جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋاملىق 2026-يىلىدىكى ئالتۇن ئېھتىياجى ۋە باھا يۈزلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈرتكە ئامىلىغا ئايلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ