دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە نوپۇسى 500 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئاۋىياتسىيە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى

2026.01.06 15:14 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ بۈگۈن خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، دۆلىتىمىز خەلق ئاۋىياتسىيەسى پۈتۈن يىلدا تاماملىغان تىرانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارى 164 مىليارد 80 مىليون توننا كىلومېتىر، يولۇچى توشۇش مىقدارى 770 مىليون ئادەم قېتىم، يۈك پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 10 مىليون 172 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %10.5 ،%5.5، %13.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى 2019-يىلىدىكىدىن %90 ئاشقان، خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشقان. خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئوبوروت مىقدارىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %39 بولۇپ، ئاۋىياتسىيە ئومۇمىي نوپۇسى 500 مىليوندىن ئېشىپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئاۋىياتسىيە نوپۇسى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ