يولۇچى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 244 قاپ تاماكا بۇيۇمىنى ئېلىپ كىرگەندە نىڭبو ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى

2026.01.06 15:14 مەنبە: خەلق تورى

«تاموژنا خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، نىڭبو ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش يولىدا بىر يولۇچى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 244 قاپ، 48 مىڭ 800 تال تاماكا بۇيۇمىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

تاموژنا خادىملىرى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، «يېشىل يول» بىلەن چېگرادىن كىرىشنى تاللىغان بىر يولۇچىنىڭ توشۇشقا بەرگەن يۈك-تاقلىرىنىڭ ماشىنىدا تەكشۈرۈش سۈرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، رەتلىك تىزىلغان لىق ئوخشاش بۇيۇم كۆرۈنگەن. چاماداننى ئېچىپ يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، جەمئىي 244 قاپ، 48 مىڭ 800 تال تاماكا قولغا چۈشۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ