ئاچقۇچلۇق بۆسۈش! دۆلىتىمىزدە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى تۆت سائەتكە ئۇزارتىلدى

2026.01.06 15:12 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى دۆلەت سۈنئىي ھەمراھ مېتېئورولوگىيە مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز فېڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان چوڭقۇر تارقىلىش مودېلىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى تۆت سائەتكە ئۇزارتقان. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تېخنىكىسى جەھەتتە ئاچقۇچلۇق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ