
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 4-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئىككى تەرەپ ئىراندىن ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىش مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەيدانىنى، يەنى ئىراندىن ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە ئىران جەزمەن ئۆزى ئىگە بولغان 400 كىلوگىرام قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى يۆتكىۋېتىشى، ئىراننىڭ ئالاقىدار ئەسلىھەلىرىنى قاتتىق، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ مۇزاكىرىلەر ئىران ۋەزىيىتىدە «جىددىي ئۆزگىرىش يۈزبېرىشكە باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ».
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ