نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەش

− 2026-يىلىدىكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە بىرىنچى سەپتە كۆرگەن-ئاڭلىغان ئىشلار

2026.01.05 16:23 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىدىن خۇ ئەنچى، چيەن يىبىن، ما يۈەنلەر خەۋىرى

2026-يىلى «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى.

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭى يىلدىكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، مۇخبىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلدى، كەڭ كادىرلار، ئامما نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى، بەخت ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىلەر كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان جۇڭگونى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

مەھسۇلات خەرىتىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى

جېجياڭ خاڭجوۋدىكى يۈشۇ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىغىن زالىدا، ئىنژېنېرلار ۋە تېخنىكا كوللېكتىپى ئىنچىكە ھالقىلارنى مۇھاكىمە قىلىۋاتاتتى؛ كۆرگەزمە زالىغا ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار قاتار تىزىلغانىدى. تەخمىنەن سائەت 11 دە، بازار دېرىكتورى چېن جياشىن ئېكسكۇرسىيەچىلەر كوللېكتىپىنى كۈتۈۋېلىپ بولۇپ، سىناق رايونىغا قايتىپ كەلدى. G1 ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ چامباشچىلىقتىن ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىغىچە، يەنە توسالغۇدىن ئۆتۈشكىچە بولغان ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى راۋان ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەمما، چېن جياشىننىڭ ۋەزىپىسى دەل «چاتاق تېپىش» ئىدى. ئۇ تېخنىكا كوللېكتىپىغا قايتما ئىنكاس قىلىپ مۇنداق دېدى:«بوشلۇقتا كەينىگە موللاق ئېتىپ يەرگە چۈشكەندە يەنىمۇ مۇقىمراق تۇرۇشقا بولىدۇ. ..»

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، چېن جياشىننىڭ يان تېلېفونى پىلانلانغان ماشىنا ئادەم ساھە ھالقىما ھەمكارلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئالغا سىلجىتىش، يېقىندا تورغا چىقىرىلغان ماشىنا ئادەم قوللىنىشچان دېتال دۇكىنىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسىنى توپلاشقا ئوخشاش بېجىرىدىغان ئىشلار بىلەن لىق تولۇپ كەتتى. چېن جياشىن مۇنداق دېدى:«تېخنىكا يېڭىلاشنى چىڭ كۆزلەش، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەمراھلارغا قۇچاق ئېچىش، خېرىدارلارنىڭ تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش، بۇ بىر توپ ماشىنا ئادەملەرنى كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش مەن ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشتۇر.»

دىنامىكىلىق خەرىتىدىكى ئوچۇق تارتىش كۈچى

ئۇزاققا سوزۇلغان گۈدۈك ئاۋازى ئىچىدە، لىق يۈك ساندۇقى قاچىلانغان يۈك پاراخوتى خەينەن ياڭپۇ پورتىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلدى. پورتقا كىرىشتىن بۇرۇن، پاراخوت ۋە يۈك ئۇچۇرلىرى «بىر قەدەم ئالدىدا» مېڭىپ، تەكشۈرۈشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن، خەيكوۋ تاموژنىسىغا قاراشلىق ياڭپۇ تاموژنىسى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ باج كەچۈرۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم گىرىم بۇيۇملىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلە ئالدىن كېلىشىپ قويغانىدى. ياڭپۇ خەلقئارا يۈك ساندۇقى پىرىستانىنىڭ قاچىلاش-چۈشۈرۈش رايونىدىن ئۆتكەندە، قىرغاقتىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

خەينەن ئەركىن سودا پورتى پۈتۈن ئارال بويىچە تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرگەندىن بۇيان، چېگرادىن چىقىش، چېگرادىن كىرىشتە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەرىكەت لىنىيە خەرىتىسى بارغانسېرى ئېنىق بولدى. كۆپ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئارقىلىق، تاشقى پورتلار ئېچىۋېتەلەيدىغان، شۇنداقلا باشقۇرالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە بولدى.

تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن، بۇ بىر تۈركۈم ماللار ماڭدۇرۇلۇپ، خەيكوۋ خەلقئارا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىگە يەتكۈزۈلدى. يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خەيكوۋ تاموژنىسى ئارالدىن ئايرىلىدىغاندا باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلاردىن جەمئىي 442 مىڭنى سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.4 ئاشتى؛ مال سېتىۋېلىش سوممىسى 712 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128.9 ئاشتى. لى ۋېن مۇنداق دېدى:«ئەركىن سودا پورتىنىڭ ‹دوستلار چەمبىرىكى› بارغانسېرى چوڭايدى، بىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىشىمىز، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.»

چىرتيوژدىكى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى

«پىچىش يىپى، تىكىش يىپى خاتا بولۇپ قالسا بولمايدۇ...» خېنەن شاڭچيۇ سۈيياڭ رايونى ۋۇچياڭ بازىرىدىكى گۇڭفۇ ھۈنەرخانىسى كەسىپلەر باغچىسىدا، چيەنخۇي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىدە، مەسئۇل كىشى سۇڭ سىجى كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلىپ تۇرۇپ ئۆرنەك رەسىمنى جەزملەشتۈرۈپ سىزىۋاتاتتى، «بۇ بىر تۈركۈم رەخت سۇ ئۆتمەس ھەم ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان بولۇپ، ئۇنىڭدىن تىكىلگەن دالا كىيىمى تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.»

«ئېھتىياج قانچە كۆپ خىل بولسا، بازار قانچە ئىنچىكە ئايرىلسا، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ. مەسىلەن، دالا كىيىمىنىڭ بەزىلىرى شىركەتلەرنىڭ خىزمەت فورمىسى سۈپىتىدە تىكىلىدۇ، بەزىلىرى تاغقا ياماشقۇچى، ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەر ئۈچۈن تىكىلىدۇ، بەزىلىرى ‹مودا› لايىھە ئارقىلىق ياشلارنى جەلپ قىلىدۇ.» شۇ جايدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ، كەسىپلەر باغچىسىغا دالا كىيىمىگە ئالاقىدار پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپلەرنىڭ توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇڭ سىجى مۇنداق دېدى:«بۇ يىل يېڭى رەختنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك بازارغا ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»

يېتەكلەش خەرىتىسىدىكى مۇلازىمەت بىرىكمە كۈچى

1-قەۋەتتىكى مەھەللە ئاشخانىسىدىن ئادەتتىكى قورۇمىلارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇراتتى؛ 3-قەۋەتتىكى «بالىلار ئۆيى»دە، كەسپىي پەرۋىش خادىمى كىچىك دوستلارنى باشلاپ ئويۇن ئويناۋاتاتتى؛ 4-قەۋەتتىكى ئۇسسۇل پائالىيەت ئۆيىدە كۆپچىلىك رىتىمغا ئەگىشىپ يېنىك ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.

56 ياشلىق يۆ مېڭ نەۋرىسى خىڭ خىڭنى ئېلىپ شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى گۇڭخې يېڭى يولى كوچىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كەلدى. يۆ مېڭ مۇنداق دېدى:«خىڭ خىڭ ‹بالىلار ئۆيى›دە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينايدۇ. مەن ئۇسسۇل ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نەۋرەمنى ئېلىپ بىنادىن چۈشۈپ تاماق يەيمەن، خاتىرجەم ھەم قولايلىق. خىڭ خىڭمۇ 2-قەۋەتتىكى كۇتۇپخانىدا رەسىملىك كىتاب كۆرۈشنى، ھېكايە ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ! »

بۇ يەرگە ھاۋالىلىك بېقىش، مەدەنىيەت، غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار توپلانغان بولۇپ، بىر پارچە يېتەكلەش خەرىتىسىدە ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالى ئەسكەرتىلگەن. يېڭى بىر يىلدا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئالاقىدار بايلىقلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى گې جيېنىڭ قەدىمى توختاپ قالمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ‹ياشانغانلار، بالىلار›نى چۆرىدەپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. كېيىنكى قەدەمدە تىرىشىپ ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىمىز.»

دەرەخسىمان خەرىتىدىكى ئىش قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

چىڭخەي ئۆلكىسى خۇاڭنەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاڭلا يېزىسى لاماۋ كەنتىگە ئەمدىلا كېلىپ تۇرۇشىمىزغا، ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تيەنجىن شەھىرىدىن چىڭخەيگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر يوۋ خۇڭجېڭ ئۇدۇل تور ساندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاپتوماتىك يەمچۈك ماشىنىسى ئارقىلىق يەمچۈك تاشلىغاندا، بېلىقلار پىلتىڭلاپ سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقتى. يوۋ خۇڭجېڭ ئاغزىدىن ھور چىقىپ تۇرغان ھالدا بىر بىر تال بېلىقنى ئېلىپ ئىنچىكە تەكشۈرگەچ سورىدى:«جوما، بېلىقلار قانداق چوڭ بولۇۋاتىدۇ؟»

«قاۋۇل، ‹قالتىس›!» دېدى كەنت ئاھالىسى جوما كەسكىن جاۋاب بېرىپ.

«قالتىس» دېگەن مۇشۇ جاۋابقا ئېرىشش ئۈچۈن يوۋ خۇڭجېڭ كۆپ باش قاتۇردى. ئۇ نۇرغۇن جايغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ «تومۇر تۇتقۇزدى»، مەۋقەنى تەبىئىي ئەۋزەللىككە قويۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، سىناشقا جۈرئەت قىلدى.

يوۋ خۇڭجېڭ بۇ يىللىق خىزمەتتە «دەرەخسىمان خەرىتە»نى سىزىپ چىقىپ، «مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش»نى دەرەخ غولىغا، «دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، «بېلىق يەم-خەشىكىنى ياخشىلاش» قاتارلىقلارنى «دەرەخ شېخى»غا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر ئېنىق كۆرسەتتى. يوۋ خۇڭجېڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ئۆلچەمنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يەم-خەشەك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ بېلىقلارنى ياخشى بېقىپ، بېلىقلارنى تېخىمۇ ‹قالتىس› بولۇش، ئۈنۈمنى تېخىمۇ ‹ئاشۇرۇش› ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز!»

ئالدىمىزدىكى يول ئۇزۇن بولۇپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز. جۇڭگو زېمىنىدا يۈز مىليونلىغان خەلق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتماقتا.

(گېزىتىمىز مۇخبىرلىرىدىن خۇاڭ شياۋخۇي، چياۋ دۇڭ، جۇ پېيشيەن، دوۋ خاۋ، دۇڭ زېياڭلار ئۇنىۋېرسال خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ