مائارىپ مىنىستىرلىقى: 15 تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى تەسىس قىلىنىدۇ

2026.01.05 15:19 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى»، «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى»، «ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، «تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش ئۆلچىمى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، تيەنجىن كەسپىي داشۆسى قاتارلىق 15 مەكتەپنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلماقچى، ھازىر ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ